15
ئۈزۈم تېلى توغرۇلۇق تەمسىل
1 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 «ئى ئىنسان ئوغلى، ئۈزۈم تېلى ياغىچىنىڭ باشقا دەرەخ ياغاچلىرىدىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار، ئۇنىڭ شېخىنىڭ ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدا نېمە ئالاھىدىلىكى بار؟
3 ئۇنىڭدىن بىرەر جابدۇقنى ياساشقا ماتېرىيال ئالغاننىڭ پايدىسى بارمۇ؟ ئۇنىڭدىن چىنىلەرنى ئاسقۇدەك قوزۇقنى ياسىغىلى بولامدۇ؟
4 مانا، ئۇ ئوتقا يېقىلغۇ بولغاندا، ئوت ئۇنىڭ ئىككى ئۇچىنى كۆيدۈرگەندە، ئوتتۇرىسىمۇ يېرىم كۆيگەندە، ئەمدى ئۇنى بىرەر ئىشقا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟
5 مانا، ئۇ ساق بولغاندا، ھېچقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولمىغان يەردە، ئەمدى ئوت ئۇنى كۆيدۈرۈپ يەپ كەتكەندە، ئۇنى بىرەر ئىشقا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟
6 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ ياغىچىنى ئوتقا تاپشۇرغىنىمدەك، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى ئوتقا تاپشۇرىمەن.
7 يۈزۈمنى ئۇلارغا قارشى قىلىپ قارىتىمەن؛ ئۇلار بىر ئوتتىن چىقسا، باشقا بىر ئوت ئۇلارنى يەۋېتىدۇ. ئۆز يۈزۈمنى ئۇلارغا قارشى بولۇپ قاراتقاندا، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
8 ئۇلارنىڭ قىلغان ۋاپاسىزلىقلىرى تۈپەيلىدىن مەن زېمىننى ۋەيرانە قىلىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار».