يۇھاننا «1»
1
«روسۇل يۇهاننا يازغان بىرىنچى مەكتۇپ» •••• ئەيسا مەسىھ ــ ھاياتلىق كالامىدۇر
1 ئەزەلدىن بار بولغۈچى، ئۆزىمىز ئاڭلىغان، ئۆز كۆزلىرىمىز تىكىلىپ قارىغان ۋە قوللىرىمىز بىلەن تۇتۇپ سىلىغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا سىلەرگە بايان قىلىمىز
2 (بۇ ھاياتلىق بىزگە ئايان بولۇپ، بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئاتا بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان شۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز)
3 ــ سىلەرنىمۇ بىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكتە بولسۇن دەپ بىز كۆرگەنلىرىمىزنى ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. بىزنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىمىز ئاتا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىلەندۇر.
4 سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمىز.
خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا پاك ياشاش
5 ۋە بىز ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە بايان قىلىدىغان خەۋىرىمىز مانا شۇدۇركى، خۇدا نۇردۇر ۋە ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ.
6 ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بار دەپ تۇرۇپ، يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا يۈرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز.
7 لېكىن ئۇ ئۆزى نۇردا بولغىنىدەك بىزمۇ نۇردا ماڭساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر-بىرىمىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاكلايدۇ.
8 ئەگەر گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ھەمدە بىزدە ھەقىقەت تۇرمايدۇ.
9 گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر.
10 ئەگەر گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، ئۇنى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامى بىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ.