16
كۆڭۈلدىكى نىيەتلەر ئىنسانغا تەۋەدۇر؛
بىراق تىلنىڭ جاۋابى پەرۋەردىگارنىڭ ئىلكىدىدۇر.
ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەممە قىلغان ئىشىنى پاك دەپ بىلەر؛
لېكىن قەلبدىكى نىيەتلەرنى پەرۋەردىگار تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەر.  
نىيەت قىلغان ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغىن،
شۇنداق قىلغاندا پىلانلىرىڭ پىشىپ چىقار.
پەرۋەردىگار بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ ھەربىرىنى مەلۇم مەقسەت بىلەن ئاپىرىدە قىلغان؛
ھەتتا يامانلارنىمۇ بالايىئاپەت كۈنى ئۈچۈن ياراتقاندۇر.
تەكەببۇرلۇققا تولغان كۆڭۈللەرنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛
قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، جازاسىز قالماس.  
مۇھەببەت-شەپقەت ۋە ھەقىقەت بىلەن گۇناھلار كافارەت قىلىنىپ يېپىلار؛
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار.
ئادەمنىڭ ئىشلىرى پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا،
ئۇ ھەتتا دۈشمەنلىرىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرار.
ھالال ئالغان ئاز،
ھارام ئالغان كۆپتىن ئەۋزەلدۇر.
ئىنسان كۆڭلىدە ئۆز يولىنى توختىتار؛
ئەمما قەدەملىرىنى توغرىلايدىغان پەرۋەردىگاردۇر.
10 ھەتتا پادىشاھنىڭ لەۋلىرىگە قارىتىپ ئەپسۇن ئوقۇلسىمۇ،
ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەس.
11 ئادىل تارازا-مىزانلار پەرۋەردىگارغا خاستۇر؛
تارازا تاشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ياسىغاندۇر.
12 پادىشاھ رەزىللىك قىلسا يىرگىنچلىكتۇر،
چۈنكى تەخت ھەققانىيەت بىلەنلا مەھكەم تۇرار.
13 ھەققانىي سۆزلىگەن لەۋلەر پادىشاھلارنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر؛
ئۇلار دۇرۇس سۆزلىگۈچىلەرنى ياخشى كۆرەر.
14 پادىشاھنىڭ قەھرى گويا ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر؛
بىراق دانا كىشى ئۇنىڭ غەزىپىنى تىنچلاندۇرار.
15 پادىشاھنىڭ چىرايىنىڭ نۇرى كىشىگە جان كىرگۈزەر؛
ئۇنىڭ شەپقىتى ۋاقتىدا ياغقان «كېيىنكى يامغۇر»دۇر.  
16 دانالىق ئېلىش ئالتۇن ئېلىشتىن نەقەدەر ئەۋزەلدۇر؛
يورۇتۇلۇشنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن شۇنچە ئۈستۈندۇر!
17 دۇرۇس ئادەمنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن يولى يامانلىقتىن ئايرىلىشتۇر؛
ئۆز يولىغا ئېھتىيات قىلغان كىشى جېنىنى ساقلاپ قالار.
18 مەغرۇرلۇق ھالاك بولۇشتىن ئاۋۋال كېلەر،
تەكەببۇرلۇق يىقىلىشتىن ئاۋۋال كېلەر.
19 كەمتەر بولۇپ مىسكىنلەر بىلەن باردى-كەلدىدە بولۇش،
تەكەببۇرلار بىلەن ھارام مال بۆلۈشكەندىن ئەۋزەلدۇر.
20 كىمكى ئىشنى پەم-پاراسەت بىلەن قىلسا پايدا تاپار؛
پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، بەخت-سائادەت كۆرەر.  
21 كۆڭلى دانا كىشى سەگەك ئاتىلار؛
يېقىملىق سۆزلەر ئادەملەرنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرار.
22 پەم-پاراسەت ئۆزىگە ئىگە بولغانلارغا ھاياتلىقنىڭ بۇلىقىدۇر؛
ئەقىلسىزلەرگە تەلىم بەرمەكنىڭ ئۆزى ئەقىلسىزلىكتۇر.
23 ئاقىلانە كىشىنىڭ قەلبى ئاغزىدىن ئەقىل چىقىرار؛
ئۇنىڭ لەۋزىگە بىلىمنى زىيادە قىلار.
24 يېقىملىق سۆزلەر گويا ھەسەلدۇر؛
كۆڭۈللەرنى خۇش قىلىپ تەنگە داۋادۇر.
25 ئادەم بالىسىغا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بىر يول بار،
لېكىن ئاقىۋىتى ھالاكەتكە بارىدىغان يوللاردۇر.
26 ئىشلىگۈچىنىڭ ئىشتىيى ئۇنى ئىشقا سالار؛
ئۇنىڭ قارنى ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلار.
27 مۇتتەھەم كىشى يامان گەپنى كولاپ يۈرەر؛
ئۇنىڭ لەۋلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ئوخشار.  
28 ئەگرى ئادەم جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرغۇچىدۇر؛
غەيۋەتچى يېقىن دوستلارنى ئايرىۋېتەر.
29 زوراۋان كىشى يېقىن ئادىمىنى ئازدۇرار؛
ئۇنى يامان يولغا باشلاپ كىرەر.
30 كۆزىنى يۇمۇۋالغان كىشى يامان نىيەتنى ئويلار؛
لېۋىنى چىشلىگەن كىشى يامانلىققا تەيياردۇر.  
31 ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ،
ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر.
32 ئاسان ئاچچىقلىمايدىغان كىشى پالۋاندىن ئەۋزەلدۇر؛
ئۆزىنى تۇتۇۋالغان شەھەر ئالغاندىنمۇ ئۈستۈندۇر.
33 چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن،
لېكىن نەتىجىسى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگاردىندۇر.
 
 
16:1 پەند. 16‏:1؛ 19‏:21؛ 20‏:24؛ يەر. 10‏:23 16:2 «قەلبدىكى نىيەتلەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «(ئادەملەرنىڭ) روھلىرى» دېيىلىدۇ. 16:2 پەند. 21‏:2 16:3 زەب. 37‏:5؛ 55‏:22؛ مات. 6‏:25؛ لۇقا 12‏:22؛ 1پېت. 5‏:7 16:4 ئايۇپ 21‏:30 16:5 «قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇبھىسىزكى،...». 16:5 پەند. 6‏:17؛ 8‏:13؛ 11‏:21 16:6 «...گۇناھلار كافارەت قىلىنىپ يېپىلار» ــ تەۋرات دەۋرىدە، گۇناھلار قۇربانلىقلار ئارقىلىق «يېپىلىپ كەچۈرۈم قىلىندى» (يەنى، «كافارەت قىلىندى»). ئىنجىل دەۋرىگە كەلگەندىلا، گۇناھلار «ئېلىپ تاشلاندى» (مەسىلەن، «يۇھ.» 29:1). 16:8 زەب. 37‏:16؛ پەند. 15‏:16 16:10 «ھەتتا پادىشاھنىڭ لەۋلىرىگە قارىتىپ ئەپسۇن ئوقۇلسىمۇ، *ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەس» ــ يەنە ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: (1) «پادىشاھنىڭ لەۋلىرىدە پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيى بولسا، ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەس»؛ (2) «پادىشاھنىڭ لەۋلىرى ۋەھىيگە قاراپ سۆزلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەسلىكى كېرەك». 16:11 لاۋ. 19‏:36؛ قان. 25‏:13-16؛ پەند. 11‏:1؛ 20‏:10،23 16:14 پەند. 19‏:12؛ 20‏:2 16:15 «ئۇنىڭ (پادىشاھنىڭ) شەپقىتى ۋاقتىدا ياغقان «كېيىنكى يامغۇر»دۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇنىڭ (پادىشاھنىڭ) شەپقىتى «كېيىنكى يامغۇرلار»نى ئەپكەلگەن بۇلۇتتۇر». «كېيىنكى يامغۇرلار» ئىسرائىلدا 3-ئايدا يېغىپ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇشتەك ھالقىلىق رولنى ئوينايدۇ. شۇڭا ھەربىر دېھقان «كېيىنكى يامغۇر»غا تەشنادۇر، ئۇلار ئۇنى بەك قەدىرلەيدۇ. 16:15 پەند. 19‏:12 16:16 ئايۇپ 28‏:15؛ زەب. 19‏:10؛ 119‏:72؛ پەند. 3‏:14،15؛ 8‏:11،19 16:18 پەند. 11‏:2؛ 17‏:19 16:20 «كىمكى ئىشنى پەم-پاراسەت بىلەن قىلسا پايدا تاپار» ــ ياكى «نەسىھەت سۆزىگە كۆڭۈل قويغان پايدا تاپار». 16:20 زەب. 2‏:12؛ 34‏:8-9؛ 125‏:1؛ يەش. 30‏:18؛ يەر. 17‏:7 16:22 پەند. 13‏:14 16:25 پەند. 14‏:12 16:26 «ئۇنىڭ قارنى ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئاغزى ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلار». 16:27 «مۇتتەھەم كىشى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بېلىئالنىڭ ئوغلى» دېيىلىدۇ. «بېلىئال»نىڭ مەنىسى «ئەرزىمەس» دېگەنلىك بولۇپ، بەلكىم ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ. 16:27 پەند. 12‏:18 16:28 پەند. 15‏:18؛ 26‏:21؛ 29‏:22 16:29 «ئۇنى يامان يولغا باشلاپ كىرەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنى ياخشى ئەمەس بىر يولغا باشلاپ كىرەر». 16:30 «كۆزىنى يۇمۇۋالغان كىشى» ــ ياكى «كۆز قىسقۇچى كىشى»، «كۆزىنى چىمىلداتقۇچى ئادەم». 16:30 پەند. 6‏:13،14 16:31 «ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ، ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر» ــ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاق چاچ بولسا ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر؛ ئۇ ھەققانىيەت يولىدا پەيدا بولىدۇ». 16:32 «ئۆزىنى تۇتۇۋالغان» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۆز روھىنى ئىدارە قىلىدىغان» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.