120
120-كۈي •••• ئۇرۇشقاق خەلق ئارىسىدا
1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
بېشىمغا كۈن چۈشكەندە مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم؛
ئۇ ماڭا جاۋاب بەردى.
2 ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى يالغان سۆزلەيدىغان لەۋلەردىن،
ئالدامچى تىلدىن قۇتۇلدۇرغايسەن.
3 ساڭا نېمە بېرىلىدۇ،
ساڭا نېمە قوشۇلۇشى كېرەك،
ئەي ئالدامچى تىل؟
4 ــ پالۋان ئاتقان ئۆتكۈر ئوقلار،
ئارچا چوغلىرى ساڭا تەگسۇن!
5 مەشەك دىيارىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىغىنىمغا،
كېدار چېدىرلىرى ئارىسىدا تۇرغىنىمغا ھالىمغا ۋاي!
6 مەن تىنچلىققا ئۆچلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تۇرۇۋاتىمەن؛
7 مەن تىنچلىقپەرۋەرمەن؛
بىراق گەپ قىلسام، ئۇلار ئۇرۇشىمىزلا، دەيدۇ.