130
130-كۈي •••• ئازابلىق پەرياد
1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
چوڭقۇر يەرلەردىن ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛
2 ئى رەب، ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛
قۇلاقلىرىڭنى يېلىنىش سادايىمغا سالغايسەن؛
3 ئەگەر سەن ياھ، قەبىھلىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ سانىساڭ،
ئەمدى رەب، كىم تىك تۇرالايدۇ؟
4 بىراق سەندە مەغپىرەت-كەچۈرۈم باردۇر؛
شۇڭا سەندىن ئەيمىنىشكە بولىدۇ.
5 پەرۋەردىگارنى كۈتۈۋاتىمەن؛
جېنىم كۈتۈۋاتىدۇ؛
ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلىدىم.
6 تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق،
بەرھەق، تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق،
جېنىم رەبكە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە.
7 ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاڭلار؛
چۈنكى پەرۋەردىگاردا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت باردۇر؛
ئۇنىڭدا زور نىجاتلىقلارمۇ بار؛
8 ئۇ ئىسرائىلنى بارلىق قەبىھلىكلىرىدىن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزىدۇ.