133
133-كۈي •••• بىرلىكنىڭ بەختى
1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ
قارا، مانا، قېرىنداشلار بىرلىكتە تۇرۇش نېمىدېگەن ياخشى، نېمىدېگەن شېرىندۇر!
2 ئۇ ھارۇننىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ، ساقىلىدىن ئاققان ئاۋۇ قىممەتلىك مايدەك،
ئۇ ھارۇننىڭ ساقىلىدىن ئېقىپ،
كىيىم-كېچەكنىڭ ياقىسىغا چۈشكەن قىممەتلىك مايغا ئوخشايدۇ؛
3 ئۇ يەنە ھەرمون تېغىدىكى شەبنەمنىڭ زىئون تاغلىرىغا چۈشۈشىگە ئوخشايدۇ؛
چۈنكى شۇ يەردە پەرۋەردىگار بەرىكەتنى ــ
يەنى مەڭگۈلۈك ھاياتنى بۇيرۇغان!