137
137-كۈي •••• بابىلدا سۈرگۈن بولۇشنىڭ دەرد-ئەلىمى
1 بابىلدىكى دەريا-ئېرىقلار بويىدا بىز ئولتۇردۇق؛
زىئوننى ئەسلىگىنىمىزدە، بەرھەق يىغا كۆتۈردۇق؛
2 چىلتارىمىزنى ئارىسىدىكى سۆگەتلەرگە ئېسىپ قويدۇق.
3 چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار بىزدىن ناخشا تەلەپ قىلدى؛
بىزنى زارلاتقۇچىلار بىزدىن تاماشا تەلەپ قىلىپ: ــ
«ھەي، زىئون ناخشىلىرىدىن بىرنى بىزگە ئېيتقىنا» ــ دېيىشتى.
4 ياقا يۇرتتا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ناخشىسىنى قانداقمۇ ئېيتايلى؟
5 ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنى ئۇنتۇسام،
ئوڭ قولۇم ماھارىتىنى ئۇنتۇسۇن!
6 سېنى ئەسلىمىسەم،
ــ يېرۇسالېمنى ئەڭ چوڭ خۇرسەنلىكىمدىن ئەۋزەل كۆرمىسەم ــ
تىلىم تاڭلايىمغا چاپلىشىپ قالسۇن!
7 ئى پەرۋەردىگار، ئېدوم بالىلىرىدىن ھېساب ئالغاندا، يېرۇسالېمنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈنىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن؛
چۈنكى ئۇلار: «ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار،
ئۇلىغىچە يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار!» دېيىشتى.
8 ئى بۇلىنىش ئالدىدا تۇرغان بابىل قىزى،
بىزگە قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قايتۇرغۇچى بەختلىكتۇر!
9 بوۋاقلىرىڭنى ئېلىپ تاشقا ئاتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!