146
146-كۈي •••• خۇدا مەدھىيىلەنسۇن!
ھەمدۇسانا!
ئى جېنىم، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلە!
مەن ھايات بولساملا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيمەن؛
ۋۇجۇدۇم بار بولسىلا خۇدايىمغا كۈي ئېيتىمەن.
ئېسىلزادىلەرگىمۇ،
ئىنسان بالىسىغىمۇ تايانماڭلار،
ئۇلاردا ھېچ مەدەت-نىجاتلىق يوقتۇر.
مانا، ئۇنىڭ نەپىسى كېتىدۇ،
ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ؛
شۇ كۈندىلا ئارزۇ-نىيەتلىرى يوقاپ كېتىدۇ.
ياقۇپنىڭ تەڭرىسى مەدەتكارى بولغان ئادەم،
پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۆز ئۈمىدى قىلغان ئادەم بەختلىكتۇر!
ئۇ ئاسمانلارنى، زېمىننى،
دېڭىزنى ھەم ئۇنىڭدا بار مەۋجۇداتلارنى ياراتقاندۇر؛
ئۇ ھەقىقەت-ساداقەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ؛
ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛
ئاچ قالغانلارغا نان بېرىدۇ.
پەرۋەردىگار مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىدۇ؛
پەرۋەردىگار كورلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچىدۇ؛
پەرۋەردىگار ئېگىلىپ قالغانلارنى تۇرغۇزىدۇ؛
پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى سۆيىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇساپىرلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛
يېتىم-يېسىرلەرنى، تۇل خوتۇننى يۆلەيدۇ؛
بىراق رەزىللەرنىڭ يولىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىدۇ.
10 پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛
ئى زىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ!
ھەمدۇسانا!
 
 
146:3 زەب. 118‏:8، 9 146:4 «ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئادەم» ھەم «تۇپراق، توپا» بىر سۆزدۇر. 146:8 زەب. 145‏:14؛ 147‏:3؛ مات. 9‏:30؛ لۇقا 13‏:13؛ يـۇھ. 9‏:7،32 146:10 مىس. 15‏:18؛ زەب. 145‏:13