95
95-كۈي •••• ھەقىقىي ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئاڭلاش كېرەك
1 كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ كۈيلەيلى،
نىجاتلىقىمىز بولغان قورام تېشىمىزغا تەنتەنە قىلايلى!
2 تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەيلى،
ئۇنىڭغا كۈيلەر بىلەن تەنتەنە قىلايلى!
3 چۈنكى پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر،
پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر.
4 يەرنىڭ تەگلىرى ئۇنىڭ قولىدىدۇر،
تاغلارنىڭ چوققىلىرىمۇ ئۇنىڭكىدۇر.
5 دېڭىز ئۇنىڭكى، ئۇ ئۇنى ياراتقان؛
قۇرۇقلۇقنى ئۇنىڭ قوللىرى شەكىللەندۈردى.
6 كېلىڭلار، ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ سەجدە قىلايلى،
پەرۋەردىگار ياراتقۇچىمىز ئالدىدا تىز پۈكەيلى!
7 چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر،
بىز بولساق ئۇنىڭ يايلىقىدىكى خەلق،
ئۇنىڭ قولى باقىدىغان قويلارمىز.
بۈگۈن، ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار،
8 ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك،
يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار!
9 مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم قىلغىنىمنى كۆردى.
10 مەن قىرىق يىل شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ
«بۇلار كۆڭلىدە ئاداشقان بىر خەلقتۇر،
مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن» ــ دېدىم.
11 شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ
«ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرمەيدۇ» ــ دېدىم.