126
126-كۈي •••• سۈرگۈن بولۇشتىن ئازاد بولۇش
1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
پەرۋەردىگار زىئوندىن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە،
بىز چۈش كۆرگەندەكلا بولدۇق؛
2 ئاغزىمىز كۈلكىگە،
تىلىمىز شادلىنىشقا تولدى؛
شۇ تاپتا ئەللەر ئارىسىدا ئۇلار: ــ
«پەرۋەردىگار ئۇلارغا زور ئىشلارنى قىلىپ بەردى» ــ دېيىشتى.
3 پەرۋەردىگار دەرۋەقە بىز ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلدى،
بىز بۇلاردىن شادلىنىمىز.
4 جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار شار-شار سۇلارغا ئايلاندۇرۇلغاندەك،
بىز تۇتقۇنلارنىمۇ ئۆز ئەركىمىزگە قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
5 كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تېرىغانلار شادلىق بىلەن ئورار؛
6 يىغلاپ يۈرۈپ چاچىدىغان ئۇرۇقنى كۆتۈرگەن كىشى،
بەرھەق، شادلىق-تەنتەنە بىلەن ئورىغان باغلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ.