127
127-كۈي •••• خۇدا بەرگەن نېسىۋەنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ
1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ سۇلايمان يازغان كۈي: ــ
پەرۋەردىگار ئۆزى ئۆي سالمىسا،
سالغۇچىلار بىكاردىن-بىكار ئۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرىدۇ؛
پەرۋەردىگار شەھەرنى ساقلىمىسا،
كۆزەتچىلەر بىكاردىن-بىكار ئويغاق تۇرىدۇ.
2 سىلەرنىڭ سەھەردە ئورنۇڭلاردىن قوپۇشۇڭلار،
كەچ بولغاندا يېتىشىڭلار،
جاپا-مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر؛
چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ.
3 مانا، بالىلار پەرۋەردىگاردىن بولغان مىراستۇر،
بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى ئۇنىڭ مۇكاپاتىدۇر؛
4 ياشلىقتا تاپقان بالىلار،
باتۇرنىڭ قولىدىكى ئوقلاردەك بولىدۇ.
5 ئوقدېنى مۇشۇلار بىلەن تولغان ئادەم بەختلىكتۇر؛
شەھەر دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا،
ئۇلار يەرگە قاراپ قالمايدۇ.