141
141-كۈي •••• رەزىللىك بىلەن مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدۇ
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
پەرۋەردىگار، مەن ساڭا نىدا قىلدىم؛
يېنىمغا تېزدىن كەلگەيسەن؛
ساڭا نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن.
2 دۇئايىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، ساڭا سۇنۇلغان خۇشبۇيدەك يېقىملىق بولسۇن،
قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن.
3 ئاغزىم ئالدىدا كۆزەتچى تۇرغۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
لەۋلىرىم دەرۋازىسىنى ساقلىغايسەن؛
4 كۆڭلۈمنى ھېچقانداق يامان ئىشقا،
قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا شېرىك بولۇپ، رەزىللىك قىلىشقا مايىل قىلمىغايسەن.
مېنى ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىدىن ھېچ يېگۈزمىگەيسەن!
5 ھەققانىي ئادەم مېنى ئۇرسۇن ــ
بۇ ماڭا مېھرىبانلىقتۇر؛
ماڭا تەنبىھ بەرسۇن ــ
بۇ بولسا، بېشىم رەت قىلمايدىغان، قۇيۇلغان ئېسىل مايدەك بولىدۇ.
چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ.
6 ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى تىك يارلاردىن تاشلىۋېتىلگەندە،
خەلق مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛
چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر.
7 بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك،
مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى؛
8 بەرھەق، كۆزلىرىم ساڭىلا تىكىلىپ قارايدۇ، پەرۋەردىگار رەببىم؛
ساڭا تايىنىمەن؛
جېنىمنى خاراب قىلىپ تاشلىۋەتمىگەيسەن.
9 ئۇلارنىڭ ماڭا سالغان قىلتىقىدىن،
قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن مېنى ساقلىغايسەن؛
10 رەزىللەر ئۆزىنىڭ تورلىرىغا يىقىلسۇن،
مەن بولسام ــ ئۆتۈپ كېتىمەن.