142
142-كۈي •••• يار-يۆلەكسىزلىكتىكى دۇئا
1 داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ
مەن پەرۋەردىگارغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن؛
پەرۋەردىگارغا ئاۋازىم بىلەن يېلىنىمەن؛
2 ئۇنىڭ ئالدىدا داد-زارلىرىمنى تۆكىمەن؛
ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىكىمنى ئېيتىمەن.
3 روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالغاندا،
شۇ چاغدا باسقان يولۇمنى بىلگەنسەن؛
مەن ماڭغان يولدا ئۇلار ماڭا قىلتاق سالدى.
4 ئوڭ يېنىمغا قاراپ باققايسەن؛
ئەتراپىمدا مېنى تونۇيدىغان ئادەم يوقتۇر؛
پاناھگاھ يوقاپ كەتتى؛
ھېچ ئادەم جېنىمغا كۆيۈنمەيدۇ.
5 مەن ساڭا پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛
ساڭا: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن،
تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولغان نېسىۋەمدۇرسەن» ــ دېدىم.
6 مېنىڭ پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن؛
چۈنكى مەن ئىنتايىن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم؛
مېنى قوغلىغۇچىلىرىمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛
چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر.
7 سېنىڭ نامىڭنى تەبرىكلىشىم ئۈچۈن،
جېنىمنى تۈرمىدىن چىقارغايسەن؛
ھەققانىيلار ئەتراپىمدا ئولىشىدۇ؛
چۈنكى سەن ماڭا زور مېھرىبانلىق كۆرسىتىسەن.